ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، سالام ئەل - يۇرت، سالام تورداش!
شىنجاڭ ئىزباسار ئۇنىۋېرسال تورىنىڭ يېڭى قىياپەت بىلەن قايتا نەشىر قىلىنغانلىقىنى قۇتلۇقلاش، ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا تېگىشلىك ئىز قالدۇرۇپ كېتىۋاتقان تورداشلارغا ھاردۇق سوراپ چاي تۇتۇش، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تورچىلىقىنى يۈكسەلدۈرۈپ، رەڭدار ۋە مەزمۇنلۇق بولغان ئۇيغۇر تور مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىش يولىدا بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە مەدەت بېرىش مەقسىتىدە ۋە تور دۇنيايىمىزدا يېڭىدىن - يېڭى ئىز باسارلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئىزباسار ئۇنىۋېرسال تورى مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنى ( ئىزباساردا ئىز قالدۇرۇش ) تەشكىللىدۇق.
پائالىيەت تېمىسى: تور دۇنياسىدا ئىزىڭىز قالسۇن !
پائالىيەت مەقسىتى: يۇقىرىدا بايان قىلىندى
پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغان ئورۇن: شىنجاڭ ئىزباسار ئۇنىۋېرسال تورى
پائالىيەت ۋاقتى: 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلىنىدۇ.
خۇلاسىلەش ۋاقتى: 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ ھەر ئاينىڭ 25 - كۈنى شۇ ئايلىق پائالىيەت خۇلاسە قىلىنىدۇ.
مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش ۋاقتى: ھەر ئايلىق پائالىيەت خۇلاسە قىلىنىپ، شۇ ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە.
پائالىيەت ئورنى: شىنجاڭ ئىزباسار ئۇنىۋېرسال تورى ( http://www.izbasar.biz)
پائالىيەت ئوبيېكتلىرى: ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى بارلىق ئىزباسارلار ( تورداشلار ).
پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلىدىغان تېمىلار: بېكىتىمىز تەسىس قىلغان ھەرقايسى سەھىپىلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەرقانداق ژانىردىكى ئەسەر بولسا قوبۇل قىلىنىدۇ ( تەرجىمە ئەسەرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ).
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
1. ئەسەر چوقۇم ئىجادىي بولۇشى، بولمىغاندىمۇ ئۆزى تەرجىمە قىلغان بولۇشى ؛ باشقا تور بېكەتتە ياكى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنمىغان بولۇشى كېرەك.
2. چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ تېمىسى بولۇشى كېرەك (تەرجىمىدىن باشقىلىرى).
3. ئىملاغا، كەسپىي ئاتالغۇلارغا، لوگىكىغا دىققەت قىلىنغان بولۇشى كېرەك.
4. تەرجىمە ماقالىدە ئەسلى ماقالىنىڭ خەت سانى 1000 دىن تۆۋەن بولماسلىقى ھەمدە قىممىتى بار ماقالە بولۇشى كېرەك. (ئەسلى ماقالە تەمىنلىشى كېرەك)
5. پائالىيەتنىڭ رىتىملىك ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، ماقالە تېمىسىنىڭ كەينىگە ( ئىزباسار ) سۆزىنى قوشۇپ قويۇشىڭىزنى سورايمىز.
6. قوبۇل قىلىنغان ئەسەرلەر ئىزباسار تورىمىز تەشكىللىگەن مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنى باھالاش ھەيئىتىنىڭ باھالىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ، تورداشلارنىڭ ئاۋازىغا قويۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە بېكىتىلىدۇ.
|
مۇكاپات بۇيۇملىرى:
بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات (بىر نەپەر ئەزا): تۆۋەندىكى ئىككى خىل مەھسۇلات سوۋغا قىلىنىدۇ .
1. ئىزباسار يۈرۈشلۈك كۇنۇپكا تاختىسى بىر يۈرۈش .
2. 4G لىق ئىزباسار بارماق دىسكىسى 1 دانە
ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات (ئىككى نەپەر ئەزا): تۆۋەندىكى مەھسۇلاتلارنىڭ خالىغان بىرى
1. ئىزباسار يۈرۈشلۈك كۇنۇپكا تاختىسى بىر يۈرۈش .
2. 4G لىق ئىزباسار بارماق دىسكىسى 1 دانە
ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات (ئۈچ نەپەر ئەزا): تۆۋەندىكى مەھسۇلاتلارنىڭ خالىغان بىرى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ .
1. ئىزباسار يۈرۈشلۈك كۇنۇپكا تاختىسى بىر يۈرۈش .
|
كەڭ كونا - يېڭى ئىزباسارلارنىڭ مەزكۇر پائالىيەتكە ئاكتىپ ئىشتىراك ئېتىشىنى، بۇ پائالىيەتنى بىز بىلەن تەڭ باشقۇرۇشىنى ۋە نازارەت قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
شىنجاڭ ئىزباسار ئۇنىۋېرسال تورى
2010 - يىلى 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى
|