تەرجىمىھالىم.......
مەن 1984يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى خۇتەن شەھەر چىرا ناھىيسىنىڭ دامكۇ يېزىسىدا تۇغۇلغان.2000-يىلى خۇتەن ۋىلايەتلىك سىفەن مەكتىۋىنىڭ مۇزىكا يەنى(تەمبۇر)كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان.2003-يىلى ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىنكى 4 يىل داۋامىدا ھەر جەھەتتىن ئىزدىنىپ خەلىق ناخشىلىرىنى قېزىش ،رەتلەش ، ئۇرۇنلاش،ۋە ئىجادىيەت سېپىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق 2010-يىلى 8-ئايدا (تەنھامەن) ناملىق پىلاستىنكام كەڭ خەلقىمىزنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلدى. كەڭ دوسلارنىڭ تورداشلىرىمنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىنى شۇنداقلا تەنقىدى تەكلىپ -پىكىر بىرىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن.يەنە داۋاملىق خەلىق ناخشىللىرى ۋە ئىجادىيەت سېپىدە ئۈزلىكسىز تىرىشىۋاتىمەن. مەن ھازىر خۇتەن شەھەرلىك سەنئەت ئۈمىگىدە ئىشلەۋاتىمەن. مۇشۇ پات ئارىدا يەنە يىڭى پىلاستىنكام كەڭ دوسىتلار بىلەن يۈز كۈرۈشىدۇ،ھازىر جىددى تەييارلىق قىلىۋاتىمىز ،تورداشلارنىڭ قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەنبە- باتۇرجان www.65933.com/27000